خىتاينىڭ لاگېرلاردا ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا «چاڭچىلە» ئۆگىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.31

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلارغا قاراتقان تەنقىدىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «شەرق ۋاقتى» پروگراممىسى 30‏-دېكابىر كۈنى لاگېرلار ھەققىدە پروگرامما تارقىتىپ، لاگېردىكى بەزى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى زىيارەت قىلغان. پروگراممىدا تۇتقۇنلار ئۆزلىرىنىڭ لاگېردىكى ھاياتىنىڭ رەڭگارەڭ ۋە مول مەزمۇنلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پروگراممىدا پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى بىر لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىسىملىك تۇتقۇن ئۆزىنىڭ لاگېردا «جىڭجۈ تىياتىرى» نى ئۆگىنىپ، خىتاينىڭ چاڭچىلە ئويۇنى «ياڭ گۇيفېي» نى ئورۇنداشنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇشىنىڭ «بەك رەڭسىز» لىكى، لاگېردىكى ھازىرقى تۇرمۇشىنىڭ «رەڭگارەڭ» لىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتىنى بەك ياخشى كۆردۈم» دېگەن.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەزكۇر پروگراممىسى خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئانا تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىشىنى «ئېتنىك تازىلاش»، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئەيىپلەۋاتقان مەزگىلدە تارقىتىلدى. تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پروگراممىدا 29 ياشلىق ئابدىسەمەت ئىسىملىك يەنە بىر تۇتقۇن ئۆزىنىڭ «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزىگە كىرىپ، تەربىيىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىنتايىن خۇرسەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. پروگراممىدا يەنە بەزىلەرنىڭ ئاياق زاۋۇتىغا كىرىپ ئىشلەۋاتقانلىقى، ئېيىغا 2800 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئالدىدا بەزى خەلقئارا تاراتقۇلار خىتاينىڭ رايوندىكى لاگېرلاردا ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى قۇرۇپ، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ سودا شىركىتى خوتەندىكى بىر لاگېردا ئىشلەپچىقىرىلغان تەنتەربىيە كىيىملىرىنى ئىمپورت قىلىپ، ئامېرىكا بازىرىغا سالغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىشنى چەكلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.