خىتاي ھۆكۈمىتى «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ لاگېرلار سىياسىتىنى ئاقلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 16‏-ئاۋغۇست كۈنى «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قاماش سىياسىتىنى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ «ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ۋە چارىسى» دەپ ئاقلىغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە 3‏-قېتىم ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىشىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا «شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخى مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىقى ۋە تۈركىي خەلق ئىكەنلىكىگە سوئال قويغان ئىدى. خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى كەسپىي تېخنىكا مائارىپى تەربىيىلەش خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدا «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى بۇ لاگېرلارنىڭ «كەسپىي تەربىيىلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنىڭ بىخ تارتىپ يامراش مۇھىتى ۋە شارائىتىنى يوقىتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلەر كۆپ يۈز بېرىشتەك ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك چەكلىگەنلىكى»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم غەلىبىسىگە ئېرىشكەنلىكى» تەكىتلەنگەن. لېكىن ئاق تاشلىق كىتابتا بۇ ھەرىكەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانچىلىك بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكى، قانچىلىك كىشىنىڭ لاگېرلاردا يېتىۋاتقانلىقى ۋە قانچە كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ تەرىپلەۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى بۇ لاگېرلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى «دىنىي ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ ئېتىقادچى ئاممىنى قۇترىتىپ، دۆلەت تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشى، زامانىۋى ئىلىمنى چەتكە قېقىشى، ‹شەرىئەت ۋە ئائىلە قانۇنلىرى› نى بۇرمىلاپ ھەم توقۇپ چىقىرىپ، بۇنى ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەت مىزانى قىلىشى، دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە قانۇنلىرىغا قارشى تۇرۇپ، تەقدىرچىلىكنى تەرغىب قىلىشى، ئېتىقادچى ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپى ماھارەت ئۆگىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشى ۋە ئۆز ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى» ئارقىسىدا ئۇلارغا قارىتا «تەربىيە ئېلىپ بېرىش» نىڭ زۆرۈر مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابى بەزى نوپۇزلۇق خەلقئارا تاراتقۇلار لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە ۋە كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. يېقىندا ئامېرىكادىكى بەزى شىركەتلەر لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى ئەمگەككە سېلىۋاتقان بۇ كارخانا، زاۋۇتلار بىلەن بولغان مال زاكاز قىلىش توختاملىرىنى بىكار قىلغان ئىدى.