پۈتۈن دۇنيانى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋەھىمىسى قاپلاپ كەتكەندە كىشىلەرنىڭ يادىدىن چىقىپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا دائىر بىر قىسىم يېڭى ئۇچۇرلار مەلۇم بولۇپ، كىشىلەرنى بۇ مەسىلىگە سەل قارىماسلىققا ئۈندىمەكتە.
«زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ 24-مارتتىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان چاڭ شىن ئىمزاسىدىكى ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار يېقىندا مەخپىي يوللار ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن قەشقەردىكى لاگېرلارغا دائىر بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇ لاگېرلارنىڭ ئەتراپىغا زىچ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە قاراۋۇللار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا سۈرەتكە ئالغۇچى لاگېرلارغا بەكمۇ يېقىن بارالمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ لاگېر سۈرەتلىرىنىڭ بىر قىسمى 2019-يىلى يەكەندە تارتىلغان بولۇپ، يەكەندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار «يەكەندە ئاز دېگەندىمۇ بۇنداق جايدىن 20 سى بار» دېگەن. شۇ جايدىكى ناۋايلارنىڭ بىرى بۇ لاگېرلارنىڭ بىرىگە ھەر كۈنى مىڭ دانە نان توشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. شۇ جايدىكى شىپاخانا ئالدىدا بىر ياشىنىپ قالغان ئۇيغۇر ئۇ كىشىگە «مۇشۇ يەردىكى دوختۇر ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئاشۇ مەكتەپكە ئېلىپ كېتىلدى. ئۇ دائىم ناماز ئۈچۈن مەسچىتكە باراتتى» دېگەن.
يەكەنلىك يەنە بىر كىشى «كورلادىن بۈگۈرگە بارىدىغان يول بويىدىكى ئۈچ تۈرمە ئۆتكەن يىللاردا كېڭەيتىپ قۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ بىرىدە ياتاق ۋە زاۋۇت بار» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۈرمىلەرنىڭ ھەر بىر كامېرىغا 27 دىن ئادەم قامالغان ئىكەن.