ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ زور غەلىبە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

15-ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «خاففىڭتون پوچتىسى» گېزىتىدە «دۇنيا خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋالغانلىقىدىن قانداق خەۋەر تاپتى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە بۇ ھەپتە بېشىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ «خىتاي بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنى مەخپىي ھالدا لاگېرلارغا قامىدى» دەپ جاكارلاش ئارقىلىق دۇنيا ئاخباراتىنىڭ كۈن تەرتىپىنى ئىگىلىگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ۋە زالىملارچە قامال قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ب د ت نىڭ يۇقىرىدىكى بۇ بىلدۈرگۈسىنى ھەربىر پۇقرانىڭ، ژۇرنالىستلارنىڭ ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ زور بىر غەلىبىسى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە «ئۇيغۇرلار سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى،» دېيىلگەن.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان مەخپىي ھالدا ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ بېسىم ئىشلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى باشلىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.

ماقالىدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بۇ ئېغىر ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ھەرقايسى خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ژۇرنالىستلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغانلىقى، «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئەھۋالىنى ئاشكارىلىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىردەك كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلانغانلىقىدەك تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان.