ئائىلە جۇدالىقىنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سەبىيلىرى زور دىققەت قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلار ئىچىدە ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭمۇ زور ساننى تەشكىل قىلىدىغانلىقى CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۈركىيەدىكى يىتىم چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى زىيارەت قىلىشى بىلەن تېخىمۇ زور كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

مۇخبىرلار زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ھەر خىل ياشتا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرى ئاساسەن ئوخشاش. ھەممىسىنىڭلا ئاتا-ئانىلىرى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگىر سىستېمىسىغا قامىلىپ قالغان ھەمدە پاسپورتلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، ھېچنەگە بارالماس قىلىپ قويۇلغان. بەزىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا يەنە بەزىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىمۇ نامەلۇم ھالدا تۇرماقتا ئىكەن. ئەنە شۇ يوسۇندا ئاتا-ئانىلىرىدىن كىچىكلا يىتىم قېلىشقا مەجبۇرلانغان ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى كېسىپ تاشلانغان بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ سىماسىنىمۇ ئەسلىيەلمەس بولۇپ قالغان. ئەنە شۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ بىرى ئون ئالتە ياشلىق ھەسەن بولۇپ «ئاتا-ئانامنى كۆرمىگىلى بەش يىل بولدى. ئەگەر ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسام تونۇيالماسلىقىم مۇمكىن» دېگەن. چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى بەش يىل ئىلگىرى ۋەتەندە قالغان بالا-چاقىسىنى ئېلىپ كېلىشكە يولغا چىققانچە غايىپ بولغان. ئىستانبۇلدىكى ئابدۇللا ۋە مۇھەممەد قاتارلىق ئون نەچچە ياشلىق ئىككى بالىمۇ تۆت يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىغانىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىستانبۇلدىكى «ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىپى» دە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك مۇشۇ خىل قىسمەتنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بولۇپ، يەنە بەزىلەر ئاللىقاچان ئاتا-ئانىسىنى پۈتۈنلەي ئەسلىيەلمەس بولۇپ قالغان. مەكتەپ مەسئۇلى ھەبىبۇللا كۇسەنى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ «ئەنە شۇنداق بولغاچقا بىز بۇ مەكتەپتە بالىلارنى ئۇيغۇرلۇق كىملىكى بويىچە تەربىيەلەشكە كۈچ چىقىرىۋاتىمىز» دېگەن.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكىلىش ھەقلىرى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىغىنى يوق، دەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى بۇ ئۇيغۇر يىتىملىرىنىڭ قىسمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.