ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈشكە يول قويمىسىمۇ، ئەمما تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.06.25

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت 25-ئ‍ىيۇن خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدە تەكشۈرىش ئېلىپ بېرىشقا يول قويمىسىمۇ، ئەمما تەكشۈرۈشنى باشلاۋېرىدىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئالدىنقى شەرت قوشۇپ، تەكشۈرۈشنى ئارقىغا سوزۇشى باچىلېتنىڭ سەبر-تاقىتىنى زورلىماقتا ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىشېل باچىلېت 25-ئىيۇن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن 2018-يىلى 9-ئايدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۆھبىتىدە باشقا تاللاش يوللىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ «بۇ جەرياندا (ئالى كومىسسارىيات) ئىشىانىسى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئانالىز قىلىش ۋە باھالاشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ،» دېگەن. باچىلېتنىڭ تەكشۈرمەكچى بولغان ئالاقىدار دۆلەت قوبۇل قىلمىسىمۇ ياكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قارارىسىزمۇ يىراقتىن گۇۋاھلىق ئېلىش ۋە دەلىل توپلاش ھوقۇقى بار ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بۇ ھوقۇقىنى ئىلىتىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى كېننېس روت، ب د ت نىڭ ھازىرغا قەدەر «شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى باھالاپ باقمىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ: «بېيجىڭ رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۆز ئالدىمىزغا باھالاپ چىقىشىمىز كېرەك،» دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزۈتىش تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى قىلمىشى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.