خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بۇنىڭدىن كېيىن «تېررورلۇق» قا ئارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە لازىرلىق قورال ئىشلىتىدىكەن. دائىرىلەر يېقىندا بۇ خىل لازىرلىق قورالنى خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانىۋېرىدا كۆرگەزمىگە قويغان.
«ئىقتىساد ۋاقتى» ناملىق بېكىتىنىڭ 13-ئۆكتەبىر كۈنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر لازىرلىق قورالنى خىتاي ئالەم بوشلۇقى پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت شىركىتىگە قاراشلىق بىر كارخانا ياساپ چىققان. خەۋەردە بۇ قورالنىڭ بىر سېكۇنت ئىچىدە 200 مېتىر يىراقلىقتىكى نىشاننى يوقىتالايدىغانلىقى، ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ «‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› بۆلگۈنچىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن زوراۋانلىق ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى،» دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ، قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى «تېررورلۇق» قا باغلاپ، ئۇلارنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي قوراللار بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا ئېلان قىلغان خەلقئارا تېررورلۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى تىنچ ئۆكتىچىلەرگە ياكى تېررورچىلارغا قارىتىلغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.
«ئىقتىساد ۋاقتى» تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر لازىرلىق قورال قارىغا ئېلىش، تېزگىنەكلىك توك قاچىلاش، لازېر نۇرى قويۇپ بېرىش قاتارلىق بىر قانچە پارچىدىن تەشكىل تاپقان. مەزكۇر قورالنى لايىھەلەشكە قاتناشقان ئىنژېنىرلاردىن يەن ئاجې «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» گە بەرگەن ئۇچۇرىدا بۇ قورالنى ئىشلەتكەندە ئۇنىڭدىن ئاۋاز ياكى نۇر چىقمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىشلىتىشكە ئەپلىك ھەم تېز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خەۋەردە بۇ قورالنىڭ خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە قاچاندىن باشلاپ سەپلەپ بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.