نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان خىتاي زىيالىيسى ليۇ شاۋبونىڭ قېيىن ئىنىسى ليۇ خۇي بېيجىڭدا 11 يىللىق مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەم سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ليۇ خۇيگە ئالدامچىلىق جىنايىتى ئارتىلغان بولۇپ، ليۇ خۇي ۋە ئۇنىڭ شېرىكى بىرلىشىپ، باشقىلارنىڭ 3 مىليون يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. ليۇخۇي بېيجىڭدىكى بىر ئۆي - مۈلۈك شىركىتىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى ئىدى.
بىراق، ليۇ خۇينىڭ ئادۋوكاتى ليۇ خۇينىڭ سوتتا ھۆكۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سوتچىدىن « سەن ئۆزۈڭنىڭ ۋىجدانىغا يۈز كېلەلەمسەن؟» دەپ سورىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇشا سوتقا بېرىپ ھۆكۈمنى ئاڭلىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىنىسى ئۈستىدىن چىقىرىلغان مەزكۇر تۈرمە جازاسىنىڭ سىياسىي زەربە بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ليۇشا مۇخبىرلارغا يىغلاپ تۇرۇپ، « بۇ قانۇنسىز سوتلاش، پۈتۈنلەي شۇنداق» دېگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئون نەچچە كىشىلىك ۋەكىللىرى ھەمدە كۆپلىگەن مۇخبىرلار سوت مەيدانىغا بېرىپ، سوتقا كىرىشكە ئىنتىلگەن بولسىمۇ رەت قىلىشقا ئۇچرىغان.