خىتاي تاراتقۇلىرىدا «لوپنۇرلۇقلار» ۋە «دولانلىقلار» ئۇيغۇرلاردىن ئايرىم ئېتنىك گۇرۇپپىدەك تەشۋىق قىلىنغان
2023.05.03
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» مەزگىلىدە خىتاي ساياھەتچىلىرى «دۆلەتلىك A4 دەرىجىلىك ساياھەت رايونى» بولغان «لوپنۇرلۇقلار كەنتى» نى ساياھەت قىلغان.
لوپنور ناھىيەسىدىكى «لوپنۇرلۇقلار كەنتى» تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي-شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە قويۇق مىللىي مەدەنىيەت پۇرىقىغا ئىگە جاي. ھالبۇكى بۇ خەۋەردە، لوپنۇرلۇقلار گويا ئۇيغۇرلاردىن ئايرىم بىر قەۋم سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، «لوپنۇرلۇقلار بۇ جايدا بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان خەلق. ئۇلارنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتىنى تولۇق قېزىش، ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ كەڭ تارقىتىش كېرەك» دېيىلگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى 2019-يىل 10-ئايدا ئاۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «كۆسەن-دولان مەدەنىيەت بايرىمى» ھەققىدە بەرگەن بىر خەۋىرىدىمۇ، «دولانلىقلار» نى ئايرىم مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك گۇرۇپپا قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، «دولان قەبىلىسى» دېگەن ئاتالغۇ پەيدا بولغانىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي مەتبۇئاتلىرى كېرىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر تەركىبى بولغان دەريا بويى مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى دەسلەپتە «ياۋايى ئادەملەر»، «دۇنيادىن خەۋەرسىز ئىپتىدائىي ئىنسانلار» دەپ خاتا تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، كېيىن ئۇلارنى ئۆز جايىدىن كۆچۈرۈۋەتكەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تەشۋىقاتلىرىدا «شىنجاڭ» دېگەن سۆز تەكىتلىنىپ، «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز مەقسەتلىك ھالدا ئىستېمالدىن قالدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە كەلگەن خىتايلارغا «شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار ئاساسلىق مىللەت ئەمەس، بۇ رايوندا نۇرغۇن مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر بار» دېگەن قاراش سىڭدۈرۈلمەكچى بولغان.