خىتاي كومپارتىيەسى نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن. 10-ماي كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس نۇتۇق سۆزلەپ، ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ كومپارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىنى ۋە «خىتاي ئارزۇسى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ھەيئىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرغان.
ما شىڭرۇي بۇ يىغىندا «ياشلارنى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئۇنىڭ گېپىدىن چىقماسلىق، كومپارتىيەنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ھەمدە ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نى تەلەپ قىلغان.
دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، ما شىڭرۇي سۆزىدە «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، «بىڭتۇەن روھى»، «توغراق روھى» دېگەندەك مەخسۇس تېرمىنلارنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ياشلارنى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش» چاقىرىقىنى ئېىسدە چىڭ تۇتۇشقا ئۈندىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي تايانچ قوشۇن بولۇشتەك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى ‹دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى› نى قەلبىگە پۈكۈپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ‹توغراق روھى› ۋە ‹بىڭتۇەن روھى› نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇشقا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىپ، ياشلارنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.»
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى غەيرىي رەسمىي ئارمىيەسى بولغان بىڭتۇەن 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ مۇنبەت يەرلەرنى ۋە سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلىۋېلىش، توغراق ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ۋەيران قىلىپ بوز يەر ئېچىش، شەھەرلەشتۈرۈش، شۇنداقلا بۇ شەھەرلەرگە زور مىقداردا خىتاي ئاھالىلىرىنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىقلارغا ئايلاندۇرۇپ يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىشغال سىياسىتىدە ئاۋانگارتلىق رول ئويناپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ما شىڭرۇي دەۋاتقان «بىڭتۇەن روھى» ۋە «توغراق روھى» دېگەن ئاتالغۇلار خىتاينىڭ ئىشغالىيەتچىلىك ماھىيىتىنى كۆرسەتسە، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» دېگىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوندىكى يىلتىزىنى قۇرۇتۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىنى «خىتاينىڭ ئەبەدىي ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى كۆرسىتىدىكەن.