ما شىڭرۈي ئۈرۈمچىدىكى نامايىشتىن كېيىن يىغىن چاقىرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشنى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ بېكىتكەن

24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى خىتاينىڭ «يۇقۇمنى قامال قىلىش» سىياسىتىنىڭ قورقۇنچلۇق ئاقىۋىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەندىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرى بۇ سىياسەتكە قارشى نامايىش قىلغانىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي 28-نويابىر كۈنى يىغىن چاقىرىپ، شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ بېكىتكەن.

ما شىڭرۈي يەنە «يۇقۇمنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش، كۈتۈلمىگەن ۋەقەنىڭ چىقىشىدىن ھۇشيار بولۇش، توردا ئۆسەك سۆز تارقىتىشنى قاتتىق چەكلەش، مەسىلە چىقسا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، ئادەم توپلىغان مالىمانچىلارغا زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش» ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.

شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مېلىغا، جېنىغا قەست قىلىۋاتقان، ھەتتا خىتاي پۇقرالىرى قوزغىلىپ نامايىش قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ما شىڭرۈي ئۇنى تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان؛ ئۇ بۇ يىغىندا مۇقىملىقنى ساقلاشقا يۈكسەك سىياسىي نۇقتىئىينەزەردە قاراشنى، «ئېغىر دەرىجىلىك رايون» نى داۋاملىق قاتمۇ-قات قامال قىلىشنى، «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلار» نى قاتتىق جازالاشنى تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۈي بۇ يىغىندا ئۈرۈمچىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسى ۋە نامايىشلار ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېمىگەن بولسىمۇ، بۇ ھەرىكەتنى توپىلاڭ چىقارغانلىق دەپ تونۇغانلىقى ۋە ئۇنى قەتئىي باستۇرىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەرگەن.