ما شىڭرۈي قامال سىياسىتىدە خارابلاشقان ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەكىتلىگەن
2022.12.14
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنياز 13-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە ئورۇنغا بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئىقتىسادنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
ما شىڭرۈي بىلەن ئەركىن تۇنياز ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى دىۋوپو ئايروپورتىنىڭ يولۇچى ۋە يۈك توشۇش كونترول مەركىزى، خىتاي نېفىت توشۇش چەكلىك شىركىتى، «شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھى» قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت تەكشۈرگەندە، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ سىياسىي ئاڭنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىر ياقتىن يۇقۇمنى تىزگىنلەپ، بىر ياقتىن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۈي قاتارلىقلار ئۈرۈمچى دىۋوپو ئايروپورتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ئىكەنلىكىنى، قامالدىن كېيىنكى توشۇش مۇلازىمىتىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان؛ خىتاي نېفىت توشۇش چەكلىك شىركىتىگە بارغاندا، شىركەتنىڭ تېخنىكا يېڭىلاش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خىتاينى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان؛ «شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھى» غا بارغاندا بولسا، بۇ ئورۇننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا باشلامچى بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ما شىڭرۈينىڭ بىر كۈندە ئۈچ ئورۇنغا بېرىپ، ئىقتىسادنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشى بىر جەھەتتىن خىتاينىڭ ئايلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن قامال سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بىر ياقتىن خىتاينىڭ ئامالسىز قېلىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون 9-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا خىتاي كومپارتىيەسىدەك رەزىل بىر ھاكىمىيەتنىڭمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئالدىدا ئۆزىنى دەڭسەپ، ئىنسانلىققا ئاپەت كوۋىد سىياسىتىنى بوشىتىپ، ئىقتىساد ۋە تۇرمۇشنى جايىغا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقانىدى.