ما شىڭرۈي قەشقەردە «مۇقىملىق» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.11.06

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي قەشقەردە مەخسۇس خىزمەت زىيارىتىدە بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەشقەردە «جەمئىيەت مۇقىملىقى» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش توغرىلىق مەخسۇس كۆرسەتمە بېرىشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ما شىڭرۈي 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە مەخسۇس خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولغان. ئۇ بۇ جەرياندا مەكىت ۋە يوپۇرغا ناھىيەلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى، ساقچىخانا، ساقچى پونكىتلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن، شۇنداقلا ساقچى ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۈي «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قاتتىق زەربە بېرىشتەك يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، يوشۇرۇن خەۋپنى يۈز بېرىشتى بۇرۇن، يەنى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇش كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۈي يەنە مۇنداق دېگەن: «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك…؛ دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.»

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مۇقىملىق تەدبىرلىرى بىلەن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، ۋاڭ خۇنىڭنىڭ ئارقىسىدىن ما شىڭرۈينىڭ يەنە قەشقەرگە بېرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى، ساقچىخانا ۋە ساقچى پونكىتلىرىنى زىيارەت قىلىشى ھەمدە يۇقىرى بېسىملىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.