مالايسىيادىكى يېڭى ھۆكۈمەت ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.07.03

مالايسىيادا يېقىندا ھۆكۈمەت ئالمىشىپ، يېڭى باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەد ۋەزىپىگە ئولتۇردى. بۇنىڭ بىلەن مالايسىيادىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مالايسىيادا يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

3-ئىيۇل كۈنى «بۈگۈنكى ئەركىن مالايسىيا» گېزىتىدە مالايسىيادا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر تۇتقۇننىڭ مەسىلىسى ئاساس قىلىنىپ، «يېڭى مالايسىيا مۇساپىرلار ئۈچۈن بىر ئۈمىدمۇ» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلغان ۋە «مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمىسىمۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا مالايسىياغا پاناھلىنىش ئۈچۈن كەلگەن گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار،» دەپ ئەسكەرتىلگەن.

مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن 4 يىلنىڭ ئالدىدا تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئۇلار ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى تايلاندتىكى بىر تۈرمىدىن قېچىپ، مالايسىيا چېگراسى ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن مالايسىيا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار نۆۋەتتە مالايسىيا چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا چىقىشنى كۈتۈپ ياتماقتا.

ماقالىدە «يېڭى مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ مالايسىيادا يولغا قويۇشى كېرەك بولغان نۇرغۇن ئىشلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدىغان تۇنجى سىناق بولىدۇ،» دېيىلگەن.

ماقالە ئاپتورى يەنە سابىق مالايسىيا باش مىنىستىرى ناجىب رازاق مەزگىلىدە مالايسىياغا قېچىپ كەلگەن سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى، بۇلار ئىچىدە خىتايدىن قېچىپ كەلگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە قارىماي خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، «بۇ ئاچچىق ۋەقە مەڭگۈ مالايسىيانىڭ يۈزىدىكى بىر داغ بولۇپ قالىدۇ،» دېگەن.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى دېننس ئىگناتىيۇس ئەپەندى مالايسىيانىڭ سابىق ئەلچىسى بولۇپ، ئۇ مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قارمىقىدا ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئورگانلاردا ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.