«شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورى» دا چىققان بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە بايىنغولىن ئوبلاستىدا مەسچىتلەرنى ۋە ساقچىخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
ما شىڭرۈي كورلا شەھىرى ئىتتىپاق مەسچىتى، خوتۇنسۇمبۇل ناھىيەسى تۇڭشىن خۇيزۇ مەسچىتى قاتارلىق مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلغاندا، پارتىيە 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى، شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش» ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشنى، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى، ئەسەبىيلىككە قارشى زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۈي يەنە بۈگۈر ناھىيە، خوشۇت ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئۇلاردىن ھال سورىغان ھەمدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىپ مۇقىملىقنى قوغداش» تەك يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلاشنى ۋە ئۇنى دائىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ما شىڭرۈي 14-، 15-ماي كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە پارتىيە 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ ئارقىدىنلا بايىنغولىن ئوبلاستىغا بېرىپ، بۇ يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈش سەپىرىنى باشلىغان؛ ۋەزىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىم بايىنغولىن ئوبلاستىنى «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى» بۇ جاينىڭ ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئورنىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇ بىر ياقتىن مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق مۇقىملىقنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى كۈچەيتمەكچى بولغان بولسا، ساقچى ئىدارىلىرىدىن ھال سوراپ، ئۇلارغا مەدەت بېرىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى قورال كۈچى، زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن قوغداشنى مەقسەت قىلغان.