ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي قەشقەردە زىيارەتتە بولغاندا، «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋىلىشىشنى تېزلىتىش» ھەققىدە مەخسۇس يوليورۇق بەرگەن. خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ما شىڭرۈي 31-ماي كۈنىدىكى قەشقەر زىيارىتى مەزگىلىدە، قەشقەرنىڭ شەھەر پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇش، سانائەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قاتناش ئۇلىنىشنى تېزلىتىشنى تەكىتلەپ: «قەشقەر يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تايانچىسى… ئۇنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بار» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇ قەشقەرنى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى چوڭ شەھەر توپىغا ئايلاندۇرۇپ، «شىنجاڭدىن ئىبارەت شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى» گە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، «نوپۇسنى ئەلالاشقان، ھەرقايسى مىللەتلەر بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلغان ۋە سىڭدۈرۈلگەن بىر ئىجتىمائىي قۇرۇلما بەرپا قىلىش» قەدىمىنى تېزلىتىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە مىللەتلەرنى ئۆزئارا يۇغۇرۇۋېتىش» نامىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى، بولۇپمۇ قەشقەر بۇ سىياسىي ئىستراتېگىيەنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىنماقتىكەن.
30-ماي كۈنى يەنە خىتاينىڭ «باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەندە، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتى-شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بەلگىلىگەن «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تا كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىشنى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنى «پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، ‹جۇڭگولۇق› بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدىغان تۇيغۇغا كەلتۈرۈشنى؛ شۇنداقلا ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› نى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلغان.