مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشقا چېـتىشلىق CETC شىركىتى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزدى

ئەنگىلىيەنىڭ مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئېلېكترون تېخنىكا شىركىتى «CETC» نىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان تېخنىكا سۇپىلىرى ۋە ئەپلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، بۇ شېركەت بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنى بىكار قىلغان.

ئەنگىلىيەنىڭ «زامان» (The Times) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 14-يانۋار كۈنى مەزكۇر ئۇنۋېرسىتېت دائىرىلىرىغا مەخسۇس مەكتۇب يوللاپ، ئۇلارنى يۇقىرىقى بۇ خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇلارنى باستۇرۇشتا رولى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئەنگىلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم تۇگېندات مەكتۇبىدا مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئاۋستىرالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىشەنچلىك دوكلاتىغا قارىغاندا، CETC خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا قۇرغان مۇتلەق نازارەت دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق بىناكارلىرىنىڭ بىرى. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدا قوللىنىلغان تېخنىكا ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىگەن.»

مانچېستىر ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرى يۇقىرىقى مەكتۇبتىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاي ئېلېكترون تېخنىكا شېركىتى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن ۋە بۇنى رەسمىي يوسۇندا يۇقىرىقى كومىتېتقا بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەن، بۇ توغرىلىق ھەركۈنى دېگۈدەك كىشىنى چۆچۈتىدىغان پاكىتلار ئاشكارىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئەنگىلىيەدىكى بۇ ئۇنۋېرسىتېت قوللانغان ئەمەلىي ھەرىكەت ئالقىشقا ئېرىشـتى.

ئەنگىلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم تۇگېندات ئەپەندى گېزىتگە قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قاراردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.