«بۈيۈك بىرىتانىيە ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى قانۇن لايىھەسى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ماقۇللانماسلىقى مۇمكىن ئىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.02.05

ئەنگلىيەنىڭ ئەمگەك پارتىيەسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان «بۈيۈك بىرىتانىيە ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى قانۇن لايىھەسى»، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن تالاش-تارتىش قوزغاۋاتقان ئىدى.

ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» (Guardian) گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى داۋىد ئالتون (David Alton) بۇ قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ تۈزىتىلگەن لايىھەنىڭ پارلامېنتتا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخا ئەنگلىيەنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى ساھەسىدە قۇل ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئىسپاتلانغان خىتاي كۈنتاختىسى باتارېيەسى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

داۋىد ئالتون مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن تۈزىتىش ئارقىلىق، ئەنگلىيەنىڭ ھېچقانداق ئاممىۋى مەبلىغىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى يۈرگۈزۈۋاتقان قۇللۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىشلىتىلمەسلىكىگە، يېشىل ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش تىرىشچانلىقىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلماقچى.»

«بۈيۈك بىرىتانىيە ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى» ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان غايەت زور تۈر بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئاممىۋى ئىگىدارچىلىققا ئۆزگەرتىدىغان ھەمدە ئەنگلىيەنى «نۆل كاربون قويۇپ بېرىش» كە يېقىنلاشتۇرىدىغان مۇھىم قەدەم ئىكەن. ئەمما قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ياسالغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئۆزگەرتىلمىسە ئۇ ھالدا بۇ ئەنگلىيەنىڭ ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىگە تايىنىپ ھەل بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئەنگلىيەدىكى لۇك دې پۇلفېرد قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى مۇھاپىزەتچى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە بۇنىڭ قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋاللىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.