ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارغانسېرى كەڭ كۆلەم ئېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە تۈرلۈك مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن غەرب دۇنياسىدىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدلىشىگە دۇچ كەلگەنىدى. يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى چەكلەش ئۈچۈن خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 6-ئاپرېل كۈنى CGTN تورىدا بۇ ھەقتە ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا ‹قۇللار ئەمگىكى داۋام قىلماقتا› دېگەن سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىمىز» دېدى. شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنىڭ د ئۇ ق قاتارلىق تەشكىلاتلار توقۇپ چىققان يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئېلان قىلىنغان «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» تېمىسىدىكى زور ھەجىملىك دوكلاتنى يالغانغا چىقاردى.
د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسماندىكى قۇياشتەك ئاشكارا پاكىتلارنىمۇ ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەت ئەمەس. ھەرقاچان يالغان سۆزلەش ھەمدە ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر تەبىئىتى» دەپ كۆرسەتتى.