سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.06.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى بىر خەلقئارالىق بىرلەشمە 23-ئىيۇن سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 400 دىن ئارتۇق تەشكىلاتتىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر خەلقئارالىق بىرلەشمە، 26-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەدە باشلىنىدىغان 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرىگە چاقىرىق قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت بايدېنمۇ قاتنىشىدىغان بۇ يىغىننىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپى يەرشارى ھاۋا كىلىماتى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرى، ئاشلىق كرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» ئوچۇق خېتىدە، 7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ھەم مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى تۇرۇشتا كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرغان. ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز سىلەرنىڭ ئىمپورت كونترول مېخانىزملىرىنى يولغا قويۇپ ۋە پۇختا ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە بۇلغانغان ماللارنىڭ بازارلىرىڭلارغا كەلكۈندەك ئېقىپ كىرىشىنى توسۇپ، ۋەدەڭلارغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەل قىلىشىڭلارنى چاقىرىمىز».

ئوچۇق خەتتە خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كىيىم-كېچەك، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، دورىگەرلىك، ئاپتوموبىل ۋە يېزا ئىگىلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەر بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئوچۇق خەتتە يەنە «ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆز بازارلىرىغا كىرىشىنى توسۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى نىشان قىلغان ئىمپورت كونترول تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن دۇنياۋى ھەمكارلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت