«ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى» ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.09.22

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى. 22-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇرلارىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 3 كە قارشى 406 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسى كېڭەش پالاتاسىدىنمۇ ماقۇللىنىپ رەسمىي قانۇنغا ئايلانسا خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغان ھەرقانداق مەھسۇلاتى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگۈچى يېتەرلىك دەلىل-سپاتلار بولمىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا تاموژنىسىدا مۇسادىرە قىلىنىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى بىر مۇھىم غەلىبە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭمۇ كېيىنكى باسقۇچلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىشىگە زور ئىشەنچى بارلىقىنى، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى قۇللارغا ئايلاندۇرۇش» ھەرىكىتىنى چەكلەشتە ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ ھەققانىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تەشەككۈرىنى ئىپادىلىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بۇ ھەقە سۆز قىلىپ «بۇ خەۋەر دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر زور خۇشخەۋەر بولغۇسى» دېدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش ئىشىغا يېقىندىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «نۆۋەتتىكى ئىشلار شۈبھىسىزكى شى جىنپىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان بىرمەيدان قىرغىنچىلىقتۇر» دېدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللىشى ھەمدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۇنجى قانۇن بولۇپ قالغانىدى. ناۋادا

«ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» مۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا رەسمىي قانۇنغا ئايلانسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئىككىنچى قانۇن بولۇپ قالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.