خىتاي دائىرىلىرى 2023-يىل قايتا قاراپ چىققان مەمۇرىي دېلونىڭ كۆپ قىسمى مەمۇرىي جازاغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.01

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورى 1-ئاۋغۇست چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 2023-يىل ئۇيغۇر ئېلى بويىچە 1338 مەمۇرىي دېلوغا قايتا قاراپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دېلولار ئاساسەن قانۇن ئىجرا قىلىش، بازار باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈرىدىكى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن. دېلوغا چېتىلىدىغان ئىشلار بولسا مەمۇرىي جازا بېرىش، پاش قىلىنغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2023-يىل تاپشۇرۇۋېلىنغان دېلو 1655 كە يەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 40 پىرسەنتكە يېقىن ئاشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە 1338 دېلو «قانۇن بويىچە» بىر تەرەپ قىلىنغان. 280 ناھەق ۋە خاتا دېلو تۈزىتىلگەن، ئەمما بۇنىڭ قايسى تۈردىكى خاتا، ناھەق دېلولار ئىكەنلىكى دېيىلمىگەن.

خەۋەردە يەنە مەمۇرىي دېلوغا قايتا قاراپ چىقىش ئورگىنىنىڭ «تىغنى ئىچىگە قارىتىش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر دېلونى بىر ياقلىق قىلىش ئارقىلىق مىڭغا تەربىيە قىلىش ۋە مىڭنى تەرتىپكە سېلىش» نى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي دېلونىڭ كۆپ بولۇشى، «تىغنى ئىچىگە قارىتىش» نىڭ كەسكىن ئېلىپ بېرىلىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەمۇرىيەت قاتلىمىدىكى «تازىلاش» نىڭ ھەر ۋاقىت مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاينىڭ 2019-يىل باشلىغان «قارا، رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىگە ئايلانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز-تولا مىللىي ئېڭى ۋە غۇرۇرى بار ئۇيغۇر كادىرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى جازالاپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.