قەشقەردە 37 نەپەر كادىر «مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان» دېگەن قالپاق بىلەن جاۋابكارلىققا تارتىلغان


ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ۋىلايەت تەۋەسىدىكى 11 ناھىيە ۋە شەھەردىن 37 نەپەر كادىرنى جاۋابكارلىققا تارتقان.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك كادىردىن 15 نەپىرى، بۆلۈم دەرىجىلىك كادىردىن 22 نەپىرى «خىزمەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان» دېگەن قالپاق بىلەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇرۇش جازاسى بېرىلگەن بولسا، بەزىلىرىگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋىلايەت تەۋەسىدىكى 11 ناھىيە ۋە شەھەردىكى پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق تەكشۈرۈشىنى بۇيرىغان.

بۇ يېقىندىن بۇيان قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ۋە كوللېكتىپ جازالىنىشى ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدىن جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن 37 نەپەر كادىر «13-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدە قۇرۇلماقچى بولغان قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن كادىرلار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 20-ئۆكتەبىر كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشگەندە ۋىلايەت بويىچە قۇرۇلماقچى بولغان قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ پەقەت بەشى ئۆلچەمگە يەتكەن، 28 يەسلى پۈتمىگەن، 70 يەسلى تېخىچە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان، 52 يەسلى تېخى ئىش باشلىمىغان ئىكەن. نەتىجىدە بۇ خىزمەتكە مەسئۇل 37 نەپەر كادىر قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغان ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام يەرلىك كادىرلىرىنى «سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان» ياكى «خىزمەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن تازىلاش ئوبېيكتى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.