خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 28-مارت كۈنى مىسىر ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MS181 نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. مىسىرنىڭ ئالىكساندىرىيە شەھىرىدىن بيۇروتقا قاراپ ئۇچقان ئايروپىلاننى گۆرۈگە ئېلىۋالغان سەئىف ئېلدىن مۇستافا ئىسىملىك بۇلاڭچى ئايروپىلاننىڭ سىپرۇسقا قونۇشىنى تەلەپ قىلغان ۋە يولۇچىلار ئايروپىلانى مەزكۇر دۆلەتنىڭ لارناكا ئايرودورومىغا قونغان.
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىىشىچە، 29-مارت كۈنى سىپروس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايانات بېرىپ، گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان يولوچىلار قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە بۇلاڭچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سىپروستىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇلاڭچىنىڭ ئايروپىلاننى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردە يەنە، ئۇنىڭ مىسىر تۈرمىسىدە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان بىر ئايال مەھبۇسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.