مىسىر دېڭىز ئارمىيەسى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.08.23

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز ئارمىيە قىسمى بىلەن مىسىر دېڭىز ئارمىيەسى ئىككى تەرەپنىڭ بەش كۈنلۈك تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئوتتۇرا دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى پاراخوتى ۋە مىسىر دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر پاراخوتى بۇ مانېۋىرغا قاتناشقان. مانېۋىر ئورنى ئۈچۈن مىسىرنىڭ پورت شەھىرى ئىسكەندىرىيەنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدىغان دېڭىز بوشلۇقى تاللانغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پاراخوتلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن يولغا چىقىپ سانت پېتىربۇرگ شەھرىدە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە بىر قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتناشقان. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىردا ئاساسلىقى ئۇچۇر يوللاش ۋە يادرو ئوق بېشىنى سەپلەش مەشقى ئورۇنلانغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ماھىيەتتە خىتاينىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا نىسبەتەن ئىسرائىلىيەگە ھەيۋە كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە.

«ئاسىيا بىرىنچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مىسىر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق «خىتاي بىلەن مىسىرنىڭ مىڭ يىللىق دىيالوگى» دەپ مەدھىيەلەنگەن. شۇنىڭدەك قەدىمكى «يىپەك يولى» نىڭ خىتاي بىلەن مىسىرنى بۇرۇندىنلا مەدەنىيەت جەھەتتە بىر-بىرىگە باغلاپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مىسىرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ خىل باغلىنىشى ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە ئىقتىسادىي ساھەنى مەركەز قىلغان ھالدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، دەل مۇشۇ خىل ئىقتىساد ئۈستىگە قۇرۇلغان «دوستلۇق مۇناسىۋىتى» تۈپەيلىدىن 2017-يىلى مىسىردىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.