ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى خىتاينىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارىشى كۈرىشى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
2024.11.22
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى، مىسىردىكى ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئابباس شۇماننىڭ ئالدىنقى ئايدىكى خىتاي زىيارىتى ھەققىدە تەييارلىغان بىر دوكلاتنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئابباس شۇماننىڭ زىيارىتىنى «ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر زىيارەت» دەپ ماختىغان.
بۇ يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئابباس شۇمان بېيجىڭدا خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ئابباس شۇمان ياڭ فامىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش كۆرگەزمە مەركىزى بىلەن بېيجىڭدىكى دوڭسى مەسچىتىنىڭ فۇدې كۇتۇپخانىسىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار يەنە خىتاي ئىسلام ئىلاھىيەتشۇناسلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان.
خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابباس شۇمان شۇ قېتىملىق زىيارىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغانلىقىنى ماختىغان. ئۇ يەنە مىسىرنىڭ، شۇنداقلا ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاينىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرىشى» نى قوللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئابباس شۇمان يەنە مۇنداق دېگەن: «مىسىر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق›قا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك». ئۇ يەنە ھەم خىتاي ھەم مىسىرنىڭ «رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق» نىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئابباس شۇماننىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇپ، دىنسىزلىقنى تۈپ پىرىنسىپ قىلغان خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ تەرىپىنى تۇتۇشى، شۇنداقلا ئۆزلىرى بىلەن دىنداش بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن ئەيىبلىشى، دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى مۇسۇلمان جامائەتلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ۋە ئۇنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.