ئانا تىل چەكلىمىسى بايىنغولىندىكى موڭغۇللارغا يۈز تۇتماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.12.25

يېقىندا رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى» دەپ ئاتىلىدىغان موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە موڭغۇل تىلىنى ئوقۇتۇش تىلى قىلىشنىڭ مەنئى قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى.

مۇخبىرىلىرىمىزنىڭ كورلا شەھىرىدىكى «بايىنغولىن 3-ئوتتۇرا مەكتەپ» تىكى ئالاقىدار شەخسلەردىن ئىگىلىشىچە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ 2018-يىلى سېنتەبىر ئېيىدىن باشلاپ مەزكۇر مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتۇش ۋە تاپشۇرۇق ئىشلىرىدا بىردەك خىتاي تىلىنى قوللىنىش، موڭغۇل تىلىنى ئايرىم دەرس قىلىپ ئۆتۈشنى بۇيرۇغان.

مەزمۇن جەھەتتە بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇقتۇرۇشلار بولسا بۇ يىل سېنتەبىر ئايلىرىدىن باشلاپلا خوتەندىكى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە ئىجرا بولۇشقا باشلىغان ئىدى.  

بايىنغولىن تەۋەسىدىكى موڭغۇللار مەكتەپلەردە موڭغۇل تىلىنىڭ مەنئى قىلىنىشىدىن بەكمۇ نارازى بولغان ھەمدە بۇنى «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن مەشغۇل بولۇش ھوقۇقى بار» دېگەن ماددىغا خىلاپلىق قىلىش، دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما بايىنغولىن ئوبلاستىلىق مائارىپ ئىدارىسىدىكى بىر خىتاي كادىر رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «بىز پەقەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز. تەپسىلىي ئەھۋالنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن سوراڭ» دېگەن.

موڭغۇل ئۆكتىچىلىرىدىن خادا ۋە چەتئەللەردىكى موڭغۇل پائالىيەتچىلىرىدىن شى خەيمىڭ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇل تىلىنى مەكتەپلەردە مەنئى قىلىش ئارقىلىق موڭغۇللارنى يوق قىلىشنى كۆزلىمەكتە. چەتئەللەردىكى موڭغۇللار ھەرگىزمۇ بۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرمايدۇ!» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئوبلاست بولۇپ،  2015-يىلىدىكى سىتاتىستىكىدا ئومۇمى نوپۇسى 1.3 مىليون، دەپ كۆرسىتىلگەن. موڭغۇللار نۆۋەتتە ئومۇمى نوپۇسنىڭ تۆت پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر «1954-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى پارچىلاش ئۈچۈن ھېچقانچە نوپۇسى يوق موڭغۇللارغا ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان كورلا شەھىرىدە ئاپتونوم ئوبلاست قۇرۇپ بەرگەن. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موڭغۇللارغىمۇ كەلمەكتە،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.