مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تېخىچە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.03.19

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى ئېيتىش» تەشۋىقاتى ھەمدە بۇنىڭغا ماس ھالدا ئېلىنغان بىر قاتار تەدبىرلەر تۈپەيلىدىن، تاشقى دۇنيا ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەممىلا ئىشنىڭ «نورماللاشقانلىقى» ھەققىدە بىر ئومۇمىي چۈشەنچە يارىتىلغان ئىدى. ئەمما «دىپلومات» گېزىتىنىڭ 19-مارتتىكى ئوبزورىدا ئاپتور رۇس ئىنگرام  (Ruth Ingram) مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان سۆھبەتلەر ئاساسىدا «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكى ھېلىھەم قان يىغلىماقتا» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

ئاپتور زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن يالقۇن ئۇلۇغيول بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى 16 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان؛ تاغىسى بولسا ئۆمۈرلۈك كېسىلگەن؛ 30 نەچچە ئۇرۇق-تۇغقىنى ئوخشىمىغان مۇددەتتە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك مۇشۇ خىل ئازابتىن يۈرەك-باغرى لەختە-لەختە بولماقتا» دېگەن.

2017-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان زور تۇتقۇن مۇھاجىرەتتىكى مۇتلەق كۆپ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشتىن مەھرۇم قىلغان. بۇ جەرياندا سانسىزلىغان ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان «جىنايەت» لەر بىلەن ئەيىبلىنىپ لاگېرلارغا، ئارقىدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماقلارغا ھۆكۈم قىلىنىشقا باشلىغان. ئەمما بۇ جەرياندا مەلۇم بولغان تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن يالقۇنغا ئوخشاش كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئورتاق بىر ھەقىقەتنى كۆرۈپ يەتكەن: بۇ ئىنسانلار قانداقتۇر بىرەر خاتالىق ياكى سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە زالىم ھۆكۈمەتنىڭ ئەسلى تەبىئىتى سەۋەبىدىن ئاشۇنداق مۇدھىش ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولغان.

بۇ خىلدىكى قىسمەتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇھاجىرلارنىڭ يەنە بىرى ئىستانبۇلدا دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان نۇرمەمەت تۇرسۇن بولۇپ، ئۇنىڭ 67 ياشلىق دادىسى تۈرمىدە جان ئۈزگەن. ئۇنىڭ نېمىشقا قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە قانداقلارچە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇمۇ ھېچنەرسە ئاڭلىمىغان. ئۇنىڭ 68 ياشلىق ئانىسى ۋە 49 ياشلىق ھەدىسى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن دىلناز كېرىم، زۆھرە سۇلتان،  كىفايە ئېھسان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا يىگىرمە-ئوتتۇزلاپ ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان ھەمدە  مۇشۇ خىلدىكى بىر-بىرىدىن ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان تىرىك شاھىتلار قاتارىدا ئاپتورغا ئۆز كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن. يالقۇن مۇشۇ ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ «دۇنيا بىزنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ۋە دوست-يارانلىرىمىز ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ» دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.