ئۇيغۇر ئېلىدە مائارىپ ساھەسىنى مۇقىملىققا خىزمەت قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئېلان قىلىندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.12.17

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 17-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى «شىنجاڭ مائارىپ يىغىنى» ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان. يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق كاتتىباشلاردىن باشقا ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيەلەرنىڭ مائارىپقا مەسئۇل باشلىقلىرى قاتناشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلىپ «مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلدۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپتا كۈچلۈك رايون بەرپا قىلىش ئارقىلىق خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» نى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا مائارىپ خىزمىتىنى «شىنجاڭدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» نىڭ ئەڭ تۈپلۈك ئاساسى قىلىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.

ما شىڭرۇينىڭ «شىنجاڭدا مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ھەققىدىكى بايانلىرىدا سىياسىي ئېڭى يۇقىرى بولغان مەكتەپ رەھبەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ قېلىشقا سەپەرۋەر قىلىش» دېگەندەك مەزمۇنلارنىڭ ئورۇن ئېلىشى بۇ قېتىمقى يىغىندا يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدىكى يوليورۇق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرگەن.

ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ ساھەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ زور دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن ساھە بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ھەققىدىكى بارلىق مەزمۇنلار مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلغان. ئۇنىڭ ئورنىغا «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى» چۈشەنچىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنىدىكى مائارىپ ئىدىيەسى بارلىق مائارىپ ساھەسىگە تېڭىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى مائارىپ يىغىنىدا مائارىپنى «ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش» نىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بۇ خىلدىكى «جۇڭخۇا مائارىپى» نىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور كۆلەمدە ۋە سالماقتا ئىجرا قىلىنىشىدىن بېشارەت، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.