تايلاند مۇساپىرلار مەركىزىدىن قاچقان ئۇيغۇرلاردىن يەنە ئىككى نەپىرى تۇتۇلۇپ قالغان

20‏-نويابىر كۈنى تايلاندنىڭ سوڭكىلا ئۆلكىسى ساداۋ چېگرا بازىرىدىكى مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قاچقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن يەنە ئىككى نەپىرى بۈگۈن تايلاند دائىرىلىرىگە تۇتۇلۇپ قالغان. 20‏-نويابىر تاڭ سەھەردە ساداۋ مۇساپىرلار مەزكىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن 20 كىشى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇشى ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىدىن ئەنسىرەپ قېچىپ كەتكەن ئىدى.

ئۇلارنىڭ مۇساپىرلار مەركىزىدىن قېچىشى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتى تايلاندتىكى 50-60 دەك ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ تەقدىرىگە بۇرالغان. تايلاند دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى قاچقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن 5 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، قالغان 15 كىشىنىڭ مالايشىيا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بىراق «باڭكوك پوچتا گېزىتى» نىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، قېچىپ كەتكەن 15 ئۇيغۇر مۇساپىرىدىن ئىككىسى بۈگۈن ساداۋ بازىرى ئەتراپىدا تۇتۇلۇپ قالغان.

خەۋەردە يەرلىك كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر چېگرا بويىغا جايلاشقان بىر يېزىنىڭ ئەتراپىدىكى جاڭگاللىققا يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۈگۈن ئەتىگەندە جاڭگاللىقتىن چىقىپ يېزىغا يېمەكلىك سوراپ بارغاندا تۇتۇلۇپ قالغان. رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇمپاس كارنۇي «باڭكوك پوچتا گېزىتى» گە بەرگەن ئۇچۇرىدا ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ 22 ياشتا يەنە بىر 24 ياشتا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ساداۋ ساقچى پونكىتىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساداۋ مۇساپىرلار مەركىزىگە 25 ئۇيغۇر مۇساپىر قامالغان بولۇپ، ئۇلاردىن 5 نەپىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، قالغان 20 كىشى بىلەن تەڭ قاچالمىغان ئىكەن. تايلاند «خەلقلەرنى ھوقۇقلاندۇرۇش» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى شالىدا ساجوروئېنسۇك چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۇلارنى داۋالاشقا كېپىللىككە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.