خىتاي ساقچىلىرى ساختا كىملىك بىلەن ئوقۇغۇچى مۇتەللىپ ئىمىننى پايلىماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.11.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

تۈنۈگۈن يەنى 10-نويابىر كۈنى خوتەندە نەزەربەند ئاستىدا ياشاۋاتقان ئوقۇغۇچى مۇتەللىپ ئىمىننى خىتاي ساقچىلىرى ساختا كىملىك بىلەن ئىزدىگەن.

مۇتەللىپ ئىمىننىڭ بۇ ھەقتە ئۇيغۇربىز تور بېتىدە ئېلان قىلغان تەسىرات ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، ئۆزىنى ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار باشقارمىسىدىن دەپ تونۇشتۇرغان ئىككى نەپەر خادىم، مۇتەللىپ ئىمىن ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا كىرىپ مۇتەللىپ ئىمىن بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقان ۋە مۇتەللىپ ئۆيىدە بولمىغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىگەن.

بۇ خادىملار كەنت كادىرىغا مۇتەللىپنىڭ تېلېفون قايتۇرۇشىنى ھاۋالە قىلىپ كەنتتىن ئايرىلغان. مۇتەللىپ ئىمىن ئىككى نەپەر خادىم قالدۇرغان تېلېفون نومۇرنىڭ 9 خانىسىنىڭ ئالدىنقى 7 خانىسىنىڭ ئۆزى بىلىدىغان ساقچى خادىملىرىنىڭ تېلېفون نومۇرى بىلەن ئوخشاشلىقىنى بايقىغان، مۇتەللىپ ئۇلارنىڭ دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان. ئۇ دىنىي ئىشلار باشقارمىسىغا تېلېفون قىلغىنىدا، قالدۇرۇلغان كىملىك كارتۇشكىسىدىكى نامدا خادىم يوقلۇقى ئاشكارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ماگىستىر مۇتەللىپ ئىمىن ئوقۇۋاتقان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدىدا، ئۆزىنى مائارىپ باشقارمىسىدىن دەپ تونۇشتۇرغان ئىككى نەپەر خادىم؛ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن مۇتەللىپ ئىمىننىڭ ئۇچۇرلىرىنى سورىغان، ئەمما مۇتەللىپ ئىمىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ۋە بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنىپ 3 ئايغا يېقىن ئۈرۈمچىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان جەرياندا ئۇنى ئىزدەپمۇ قويمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.