مۇتەللىپ ئىمىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.12.10

ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن خوتەندىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىپ، پاسپورت ۋە كىملىكى تارتىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئىستانبۇلغا قايتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان ماگىستىر ئاسپىرانتى مۇتەللىپ ئىمىن، 10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ئۇيغۇر بىز تورىدا 5-قېتىملىق ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلدى.

مۇتەللىپ ئىمىن، 2013-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى ۋەتەندىكى تۇغقان يوقلاش زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە بېيجىڭ ئايرودرومىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مېھمانخانىغا 79 كۈن قانۇنسىز سولىنىپ سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، پاسپورت ۋە كىملىكى تارتىۋېلىنىپ، خوتەن لوپ ناھىيىسىدىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئىستانبۇلغا قايتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان.

شۇندىن بۇيان مۇتەللىپ ئىمىن ئۇيغۇر بىز تورىدا ئارقا-ئارقىدىن ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش يولى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساقچىلىرىنىڭ 79 كۈنلۈك تۇتقۇن جەريانى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.