ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈندىداردا باشقىلارغا ناماز ئوقۇشنى ئۆگەتكەن بىر تۇڭگان 2 يىللىق كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى ئوبلاستىدا ئۆزىنىڭ ئۈندىدار توپىدىكىلەرگە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قولغا ئېلىنغان بىر تۇڭگان دىنىي زات بۇ يىل 3‏-ئايدا ئىلى ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، 49 ياشلىق خۇڭ شىكې ئىسىملىك بۇ تۇڭگان پۇقراسى 2016‏-يىلى 6‏-ئاي ۋە 8‏-ئايدا ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئۈندىدار توپى قۇرۇپ، ھەر بىر توپتىكى بىرەر يۈزدەك توپ ئەزالىرىغا دىنىي ساۋات بەرگەن ۋە ناماز ئوقۇشنى ئۆگەتكەن. 

خەۋەردە، خۇڭ شىكېنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتى سەۋەبلىك 2016‏-يىلى 24‏-ئاۋغۇست كۈنى قولغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى كونكرېت تۇرۇشلۇق ئورنى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىشنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، تور ياكى باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا دىنىي تەبلىغ قىلىش، دىنىي ساۋات بېرىش، دىنىي كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش، دىنىي مەزمۇنلارنى مۇنازىرە قىلىشنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، يۇقىرىقى ھەرىكەتلەرنى توردا ئېلىپ بېرىش قانۇنسىز «جىنايى قىلمىش» دەپ ئېلان قىلغان. بىراق خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار بۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ناھەق جازالىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خۇڭ شىكېنى «غەيرىي دىنىي سورۇندا دىنىي تەبلىغ ۋە دىنىي ساۋات بەرگەن، نورمال دىنىي پائالىيەتلەر ھەققىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلىپ، پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلغان. دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، جەمئىيەتكە زىيان سالغان،» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت