خىتاي دائىرىلىرى 2022-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 2022-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش پروگراممىسى» بويىچە بىر مىليون 80 مىڭ 700 كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، دائىرىلەر ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇلىدىغان» ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىللىق پىلانىنى 100. 43 پىرسەنت ئورۇندىغان. خەۋەردە بۇنىڭ بىلەن «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغان» ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كىرىمى داۋاملىق مۇقىم سۈرئەتتە ئېشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تاپاۋىتى 8364 يۈەنگە يەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بىر مىليوندىن ئ‍ارتۇق بۇ ئەمگەك كۈچىنىڭ قايسى ۋىلايەتلەردىن كەلگەنلىكى، قايسى رايونلاردا ۋە قايسى ساھەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تىلغان ئېلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پروگراممىسىنى كېڭەيتىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى رايوننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا ئىشلەشكە يۆتكىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پروگراممىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پروگراممىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكادىكى كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پروگراممىسى ئۇنىڭ ئۇيغۇر نۇپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 27-فېۋرال ئۈرۈمچىدە مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىدىن، شۇنداقلا 2023-يىلى قىلىدىغان بۇ جەھەتتىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقلىرىدىن مەلۇمات بەرگەن. بىراق خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغان ئەمگەك كۈچلىرى» دىن قانچە كىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.