NATO نىڭ يېڭى باش سېكرېتارى: «خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشىنىڭ بىر بەدىلى بولۇشى كېرەك»
2024.10.03
شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى يەنى NATO نىڭ يېڭى باش سېكرېتارى، سابىق گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې 1-ئۆكتەبىر ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلانغانلىقى، بۇنىڭ بىر بەدىلى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مارك رۇتتې: «خىتاينىڭ، مەنپەئەتى ۋە ئىناۋىتى ھېچقانداق دەخلىگە ئۇچرىمىغان ھالدا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپادا پارتلىغان ئەڭ چوڭ توقۇنۇشنىڭ ئۇلغايتقۇچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا بولمايدۇ» دېگەن. مارك رۇتتې يەنە ئۇكرائىنانى قوللاشنىڭ بەدىلى پۇتىننىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىنىڭ بەدىلىدىن ئاز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان قانۇنسىز ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنىڭمۇ ياردىمىگە ئېرىشمەكتىكەن.
مارك رۇتتې شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارىلىق ۋەزىپىسىنى 1-ئۆكتەبىر كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، سابىق NATO باش سېكرېتارى جېنس ستولتېنبېرگدىن تاپشۇرۇۋالغان. ھالبۇكى، مارك رۇتتې ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ ئىككىنچى كۈنى يەنى 2-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقنى «كېڭەيتىشكە» تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشتە، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ «پۇتىن بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە تەييار» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خەۋەرلەردە، شى جىنپىڭنىڭ يەنە ئۇنىڭ بىلەن پۇتىننىڭ «يۈز يىلدىن بۇيان مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشتە» ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى مەدھىيەلىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ھالبۇكى، مارك رۇتتېنىڭ ئېيتىشىچە، ناتو (NATO) شېرىكلىرى بىلەن «ئورتاق خىرىسقا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتىدىكەن».
ئۇ ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان NATO مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.