نايكى بىلەن كوكاكولانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكىنى چەكلەش قانۇنى» غا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
نايكى بىلەن كوكاكولا شىركىتىنىڭ دەللالارنى ياللاپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» غا قارشى پائالىيەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى خادىملار، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار زاتلار ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەر بۇ ئىككى شىركەتنىڭ دەللاللارنى ياللاپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشىغا قارشى پائالىيەت قىلقانلىقى، بۇ قانۇننى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بۇ يىل 9-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 3 كە قارشى 406 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان. نۆۋەتتە بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. لېكىن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى نايكى ۋە كوكا-كولادەك چوڭ شىركەتلەر، ئامېرىكا تىجارەت ئۇيۇشمىسىدەك سودا گۇرۇپپىلىرىنىڭ خرىسىغا دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ ئالدىدا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ئالما شىركىتىنىڭ بۇ قانۇنغا قارشى پائالىيەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇ خەۋەر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 28-نويابىر گوللاندىيەلىك ياش ئاكتىپلار ئالما شىركىتىنىڭ ئامېستېردام شەھرىدىكى بىر دۇكىنى ئالدىدا نامايىش قىلغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ تەكىتلىشىچە، كوكاكولا شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىدە ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەيدىغانلىقى، 2019-يىلى شىنجاڭ تۇنخېدىكى تەمىنات زەنجىرىنىڭ «مۇۋەپپىقىيەتلىك تەكشۈرۈلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. نايكى شىركىتى بولسا ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» غا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، دۆلەت مەجلىسىدىكى خادىملار بىلەن مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش توغرىسىدا «ئىجابى مۇزاكىرە» ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.