«نيوكور» شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 64 مىليون دوللارلىق سۈنئىي ئەقىل بازىسى قۇرماقچى
2024.10.09
خىتايدىكى ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشتا بايراقدار بولۇپ كېلىۋاتقان «نيوكور» (Nyocor) شىركىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى ئېنېرگىيە ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كومپيۇتېر ۋە سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىغا 64 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
9-ئۆكتەبىردە «يىسەي دۇنياسى» تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سانجى شەھىرىدە قۇرۇلىدىغان بۇ سۈنئىي ئەقىل ۋە كومپيۇتېر مەركىزى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېشىل ئېنېرگىيەنى تېخىمۇ يۇقىرى قىممەتتە ئىستېمال قىلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن. مەزكۇر قۇرۇلۇشنى 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملاش پىلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، باش ئىشتابى گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى «دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر مەركىزى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارماقلىرىغا مەنسۇپ ئىكەن. مەزكۇر قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئالتە يىل مەشغۇلات قىلىدىغان بولۇپ، يىلىغا 100 مىليون سوم كىرىم يارىتالايدىكەن.
خەۋەردە، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەقلىي ھېسابلاش مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆز ئالدىغا ئۇچۇر ساقلاش ۋە تور مۇلازىمىتى قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىگە ئوخشاش يېشىل ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدىكى بىر مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلگەن. ئەمما خەۋەردىكى «يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مول ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىگە رايونلارغا مەبلەغ سېلىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشتەك سىياسەتنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىنى قوللايدۇ» دېگەن قۇرلار بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، «نيوكور» شىركىتى خىتايدىكى ئېنېرگىيە قېزىش تېخنىكىسى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان شىركەت بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېنېرگىيە قېزىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ تېزلىتىشكە زور تۆھپە قوشىدۇ، دەپ قارالماقتا.