ئۆركەش دۆلەت ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترۇمپنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.03.14

1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى دونلاد ترۇمپنى تەنقىد قىلغان.

ئۆركەش دۆلەت مۇنداق دېگەن: «مەن 1989-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن 27 يىل مۇھاجىرەتتە ياشىدىم. مەن ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىدىن قېچىپ چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ۋە خىتاي تۈرمىسىگە سولانغان بارلىق ئوقۇغۇچىلار نامىدىن دونالد ترۇمپنى ئەيىبلەيمەن.»

ئۆركەش دۆلەت دونالد ترۇمپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە سۆزلىگەن سۆزىدە 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى «بىر توپىلاڭ» دېگەنلىكىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۆركەش مۇنداق دېگەن: «دونالد ترۇمپ ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ دۈشمىنى. بىز، يەنى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئامېرىكا قىممەت قارىشىدا مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىدىن تەشۋىشلىنىمىز شۇنداقلا ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك پرىنسىپلىرىدىن ۋاز كەچمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىمىز!...»

ئۆركەش دۆلەتنىڭ باياناتى دۇنيادىكى چوڭ-كىچىك تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇلانما قىلىنىپ زور تەسىر پەيدا قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.