ئوتتۇرا-شەرق كۆزى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى كەلدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.02.28

 

ئەنگلىيەلىك يازغۇچى ۋە ژورنالىست يونە رىدلېي «ئوتتۇرا-شەرق كۆزى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىدا خەلقئارا ھەمكارلىققا باش ئەگكەنلىكى، ئەمدى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىدا خىتاي دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بەزى شەھەر-بازارلارنى قامال قىلىشتەك كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت كورونا ۋىرۇسىدا ھەمكارلاشقاندەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەمكارلاشسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن.


يونە رىدلېي «خىتاي كورونا ۋىرۇسىدا دۇنياۋى ھەمكارلىققا باش ئەگدى، ئەمدى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى كەلدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، ئەگەر خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشسا دوزاق ئازابىدىكى مىڭلىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «خەلقئارا جەمئىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوخشاشلا پۇختا ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بېيجىڭنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىگە مەجبۇرلىشى كېرەك» ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئەگەر دۇنيا تاجىسىمان ۋىرۇسىغا كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بولسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلىشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە قىيناش ۋە تەربىيەلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك» ئىكەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «خىتايدىكى بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلار توپىغا قىلىنغان زۇلۇمنىڭ كۆلىمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. ئەگەر ب د ت ئورنىدىن دەس تۇرۇپ بېيجىڭنىڭ قولىنى قايرىسا، بۇنىڭ ھەممىسىگە ئەتىلا خاتىمە بېرىلىدىكەن.»

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.