ئۆزبېك پرېزىدېنتى ئامېرىكىدىكى ئۆز ئالىملىرىنى قايتىپ كېلىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.09.24

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېف ئامېرىكىدىكى ئۆزبېكىستانلىق مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمى يىغىنىغا قاتناشقان ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېف ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان، ياشاۋاتقان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، بۇ دۆلەتتە خىزمەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ خىزمەت قىلىشقا چاقىرغان.

«ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، مىرزىيويېف ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۆزبېكىستانلىق ئالىملارنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش ئۆلچەم بويىچە مائاش، ئۆي-تۇرالغۇ، ھەتتا پۈتۈن يول چىقىملىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان بەزى ئۆزبېكىستانلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسلام كەرىموف ئۆزبېكىستاننى ئىدارە قىلغان دەۋردە ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىگە ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن كەتكەن ئۆزبېكىستانلىقلار ئارىسىدا ئۆز ۋەتىنىگە قايتماي، شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇپ قېلىش كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن قاتتىق سىياسىي تەقىبلەشتىن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ يەردىكى ئېغىر ئىقتىسادىي تۇرمۇشتىن ئەندىشە قىلغان ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇھەممەد سالىخ، جاھانگىر مەمەتوف ۋە باشقا مەلۇم ساندىكى ئۆزبېكىستانلىق ئۆكتىچى زاتلار ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەرگە ماكانلىشىپ، ئىسلام كەرىموفنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمىنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئەمما ھازىرچە، شاۋكەت مىرزىيويېفنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات باشلاپ، بۇ ئۆكتىچىلەرنى ۋەتىنىگە قايتىشقا تەكلىپ قىلغان-قىلمىغانلىقى نامەلۇم. 

ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاھالىسى ئەڭ كۆپ جۇمھۇرىيەت بولسىمۇ، بىراق ئىسلام كەرىموف دەۋرىدە ئىشىكنى ئېتىۋېلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز قوشنىسى قازاقىستاننىڭ ئارقىسىدا قالغان. قازاقىستاننىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىملىرى ئاساسى جەھەتتىن ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ ئىشلەش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.