2017-يىلىدا تېرورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلغان ئىككى نەپەر ئۆزبېك گۇماندار سوتلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.11.25

39 ياشلىق ئۆزبېك كۆچمەن رەھمەت ئاقىلوف بۇ يىل ئاپرېلدا شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدىكى پىيادىلەر كوچىسىدا يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، 5 كىشىنى باستۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىتوكھولم شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 23-نويابىر كۈنى بايانات بېرىپ، ئۆزبېك گۇماندار رەھمەت ئاقىلىوفنىڭ دېلوسىنى سوتلاشنى بۇ يىل 21-دېكابىرغىچە كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سوتنىڭ باياناتىدىن قارىغاندا، گۇماندار ئاقىلوف تېررورلۇق ۋە ئاۋامغا خەتەر پەيدا قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىشى مۇمكىنكەن.

ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوف بۇ يىل 4-ئايدا ئاقىلوفنىڭ ستوكھولمدا پەيدا قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزبېكىستاندىن 2014-يىلى ئايرىلغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» دىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلاردىن كۆرسەتمە ئالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 22-نويابىر كۈنى نيۇيوركتىكى ئامېرىكا زاستادېللار گۇرۇپپىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئايدا نيۇيوركتا يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان ئۆزبېك ياش سەيفۇللا سەئىپوف 22 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىپلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەردە گۇماندار سەئىپوفنىڭ قاتىللىق جىنايىتى جەزىملەشتۈرۈلسە، ئۇنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.