شىنجاڭ گېزىتىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 7 يىللىق كېسىلگەن

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى، باش مۇھەررىرى جاۋ شىنۋېي پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا 6-ئىيۇل ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جاۋ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ 1 مىليون 920 مىڭ سومدىن ئارتۇق پارا ئالغان. ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتى يېقىندا ئاچقان سوتتا ئۇنىڭغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەندىن باشقا يەنە 40 مىڭ سوم جەرىمانە قويغان.

بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن جاۋ شىنۋېي شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ 2015-يىلى 6-ئاۋغۇست پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان ۋە شۇ يىلى نويابىردا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىكەن.

خىتايدىن چىقىدىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇچۇرلىرى تورىدا كۆرسىتىشىچە، جاۋ شىنۋېي ئەسلى خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1986 يىلىدىن باشلاپ قەشقەردە ھوقۇق تۇتۇشقا باشلىغان.

ئۇ 1986-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى بولغان. ئۇ شۇندىن كېيىن تەدرىجىي ئۆسۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومىغا باش كاتىپ، كوناشەھەر ناھىيەسىگە پارتكوم سېكرېتارى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمىگە باشلىق بولغان.

جاۋ شىنۋېي 2011-يىلى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ يۆتكەلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇ 2005-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يېگەن ئومۇمىي پارا سوممىسى 2 مىليون سومغا يېقىنلاشقان.