مايك پومپېيو ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان مەسئۇت ئۆزىلنى ئالقىشلىدى

گېرمانىيەدىكى تۈركىيە مۇھاجىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە خىتاينى ھەمدە ئىسلام دۇنياسىنى قاتتىق ئەيىبلىشى خەلقئارادا زور بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى.

مەسئۇتنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن بىرلىكتە چىقارغان كەسكىن تەنقىد ئىبارىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ قاتتىق بىئارام قىلغان. بولۇپمۇ مەسئۇتنىڭ خىتايدىكى مىڭلىغان پۇتبول ھەۋەسكارلىرى دەرھاللا ئۇنى كەسكىن ئەيىبلەپ، «تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. مەسۇتنىڭ خىتايدىكى تۆت مىليوندىن كۆپرەك مەستانىسى دەرھاللا ئۇ توپ تېپىۋاتقان «ئارسېنال» كوماندىسىنىڭ بارلىق مۇسابىقىلىرىنى خىتايدا مەنئى قىلىش ھەققىدە چاقىرىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنى «دۇنياۋى جىھاد قوزغاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ،» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئەنە شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مايك پومپېيو 17-دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ مەسئۇت ئۆزىلنى ھەمدە ئۇنىڭ ھەققانىيەتنى قوللاش جاسارىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا «خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە مەسئۇت ئۆزىل ھەمدە ‹ئارسېنال› كوماندىسىنىڭ ناملىرىنى ‹قارا تىزىملىك› كە كىرگۈزۈپ قويالىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار ھەقىقەتنى يېپىشقا ئىلاجسىز،» دېدى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئاشكارا شەكىل ئالغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ دۇنيادىن يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.