د ئۇ ق خەلقئارا جەمئىيەتنى خوتەن «پۇرچاقچى ۋەقەسى» نى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-03-13
Share

د ئۇ ق جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى 9‏-مارت خوتەن پۇرچاقچى يېزىسىدىكى رېستوراندا يۈز بەرگەن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن.

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىدىن قارىغاندا، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى 9‏-مارت كۈنى پۇرچاقچىدىكى «شەربەت» رېستورانىنىڭ ئالدىدا 2 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ۋەقەدە يەنە، بىر ساقچى ئۆلگەن، 2 ئۇيغۇر ئەسىر ئېلىنغان، 3 ئۇيغۇر قېچىپ كەتكەن. نۆۋەتتە، 3 ئۇيغۇرنىڭ داۋاملىق قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

لېكىن د ئۇ ق ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 7 كىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق، بۇ تراگېدىيەلىك ۋەقەدىن قايغۇغا پاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ مەزكۇر يېزىدا مۇشۇ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن 5‏-قېتىملىق قانلىق ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

قۇرۇلتاي باياناتىنىڭ ئاخىرىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «شۇڭا، بىز خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق ژۇرنالىستلارنى شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتنى يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن، بىراق خەۋەر قىلىنمايۋاتقان بۇ ۋەقەلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىشقا چاقىرىمىز. ئەگەر دۇنيا بۇنىڭغا پەقەت خەۋەر ئورنىدا قارىسا، ئېھتىمال بۈگۈنكى بۇ بىگۇناھ 7 جان، ئەتە17 گە كۆپىيىشى مۇمكىن» دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت