دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىكى بۇ يىل 6-ئايدا تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى توربېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا بايان قىلىنىشىچە، قۇرۇلتاي مەسئۇللىرى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ۋاشىنگتوندا بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر يىغىن ئاچقان ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.
مەزكۇر مۇسابىقە ئۆتكەن يىلى ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىگە تەلەپ سۇنۇپ ۋە مۇسابىقىگە مەسئۇل بولغان قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، مۇسابىقىنىڭ ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئالدىنى توسقان ئىدى؛ ئەمما ۋەقە مەتبۇئاتلاردا كەڭ-كۆلەمدە خەۋەر قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلانغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى 2011-يىلى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن؛ مۇسابىقىگە نورۋېگىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 7 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن كوماندىلار قاتناشقان. ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق يەنى شەرقى تۈركىستان بايرىقى بىلەن ئورالغان پۇتبول مەيدانى مۇسابىقىنى نەق مەيدان ۋە ئېكراندىن كۆرگەن ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالغان ئىدى.