قاھىرىدە پرېزىدېنت مۇرسىنى ئىستىپاغا چاقىرىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

يەكشەنبە كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرە ۋە مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىدا بىر قانچە ئون مىڭ ئادەم قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بېرپ، پرېزىدېنت مۇرسىنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە چاقىردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە نامايىشچىلار قاھىرەدىكى ئازادلىق مەيدانىغا توپلىنىپ، نامايىش قىلىش بىلەن بىرگە «مۇرسى يوقال» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان. بۇ ئۆكتىچىلەر نامايىشى بولۇپ، بۇ خىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، پورت شەھەر ئالېكساندرىيىدىمۇ يۈزبەرگەن.

ئەمما، مۇرسىنى ئىستىپاغا چاقىرغان، ئۆكتىچىلەردىن باشقا يەنە زور ساندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مۇرسىنىڭ باشقا قوللىغۇچىلىرى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى قوللاش ھېسسىياتىنى بىلدۈرگەن.

قوللىغۇچىلار مۇرسىنىڭ قانۇنلۇق، سايلام بىلەن مەيدانغا كەلگەن پرېزىدېنت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن قېلىش قالماسلىقىنى پەقەت سايلام ئارقىلىق بەلگىلەشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.