قاراماي-چۆچەك تۆمۈر يولىدا پات يېقىندا قاتناش باشلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ياسىغان قاراماي-چۆچەك تۆمۈر يولىدا 5‏-ئاينىڭ 30‏-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي قاتناش باشلىنىدىكەن. ئەگەر مەزكۇر تۆمۈر يولدا رەسمىي قاتناش باسلانسا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۆمۈر يول بارمىغان ھېچقانداق ۋىلايەت مەركىزى قالمايدۇ.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 271 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مەزكۇر تۆمۈر يولنىڭ قارامايدىن چۆچەككىچە بولغان ئارىلىقىغا 3 بېكەت قۇرۇلغان. قاراماي-چۆچەك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا 2014‏-يىلى ئىش باشلانغان بولۇپ، ئەسلى 2016‏-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى قىسمى پۈتۈپ بولۇشى، 2017‏-يىلى 6 ‏-ئايدا پۈتۈن قۇرۇلۇش تاماملىنىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، قۇرۇلۇشنىڭ كېچىكىپ، ئۇنىڭدا ئەمدى قاتناش باشلىنىشىنىڭ سەۋەبى مەلۇم ئەمەس.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا قۇرۇلۇشنىڭ كېچىكىش سەۋەبىگە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى كەڭ ئۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغان، شۇنىڭدەك پۈتۈن رايوندا دىگىتال نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تەقىب ئاستىغا ئالغان بىر مەزگىلدە تاماملانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەشتە تۆرمۈر يولغا تايانغان. رادىيومىز، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى تۆمۈر يول ئارقىلىق گەنسۇ، چىڭخەي، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، خېيلوڭجياڭ، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قاراماي-چۆچەك تۆمۈر يولى تارباغاتاينىڭ تولى، دۆربىلجىن ناھىيەلىرىدىن ئۆتۈپ چۆچەككە بارىدىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مالىن مەزكۇر تۆمۈر يول «شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مېھمانلارنىڭ چۆچەككە كېلىپ زىيارەت، ساياھەت ۋە سودا قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپلا قالماي، چۆچەكنىڭ مول كان بايلىقىنى سىرتقا يۆتكەشتىكى ئالتۇن يول» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت