خىتاي ج خ مىنىستىرى ئۇيغۇر ئېلىنى داۋاملىق قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
2024.10.22
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتىدە رايون بىخەتەرلىكىنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ، رايوننىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ج خ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ 19-ئۆكتەبىردىن 21-ئۆكتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي خىزمەتلەر توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ۋە يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى چوقۇم كۈچلۈك سىياسىي ساداقەتمەنلىكنى بەرپا قىلىپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ سىياسىي بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش لازىم».
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئېيتقاندەك «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرغان بولسا، «تېررورلۇققا زەربە بېرىپ مۇقىملىقىنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش» نى ئىزچىل تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ۋە كەڭ-كۆلەملىك باستۇرۇشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلى ۋە ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان ئانالىزچىلار خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ رايوننىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى دائىم تەكىتلىشىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقى، بەلكى تېخىمۇ قاتتىق ۋە جىددىي تۈردە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قارىماقتا.