قازاقىستان تارقاتقان «قازاقىستان» خەرىتىسى ئىنكاس قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.09.17

قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە يېقىندا قازاقىستاننىڭ يېڭى بىر خەرىتىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تېزدىن ئىنكاس قوزغالغان بولۇپ، مەزكۇر خەرىتىدىكى بىر قىسىم رۇسىيە تۇپراقلىرى، ئۆزبېكىستان ۋە خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارنىڭ «قازاقىستان» خەرىتىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلۈشى رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان.

رۇسىيەنىڭ «رېگنۇم» تورىدا ئېلان قىلىنغان ۋە «ئوتتۇرا ئاسىيا» تورى كۆچۈرۈپ باسقان «دۆلەت ئاگېنتلىقى ‹قازىنفو› قازاقىستاننىڭ رۇسىيە ۋىلايەتلىرىنى بىرلەشتۈرگەن خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى» دەپ ئاتالغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە تەۋە «قازىنفو» ئاگېنتلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان قازاقىستان خەرىتىسىدە قازاقىستان تەركىبىگە رۇسىيەگە تەۋە ئومسك، ئورىنبۇرگ، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت، نۇكۇس شەھەرلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى غۇلجا كىرگۈزۈلگەن. ئەمما، بۇ خەرىتە ئىنكاسلاردىن كېيىن 14-سېنتەبىر كۈنى دەرھال توردىن ئېلىۋېتىلگەن. مەزكۇر خەرىتە ئەسلىدە مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ تور بېتىدە بېسىلغان قازاقىستان دۆلەت تىلىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە ئائىت يېزىلغان بىر پارچە ماقالىغا قىستۇرما قىلىنغان ئىكەن.

ئەمما، ھازىرغىچە رۇسىيە، خىتاي، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ مەزكۇر خەرىتىگە قارىتا قانداق ئىنكاستا بولغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ، بىراق قازاقىستان تەرەپ 2014-يىلى، رۇسىيەنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا بىر قىسىم رۇسىيە زېمىنلىرىنىڭ قازاقىستانغا ئايرىپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق ئىنكاسى بىلدۈرگەن.

ئىلگىرى، يەنە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ قازاقلارنىڭ تارىختا دۆلەت قۇرۇپ باقمىغانلىقىغا ئائىت سۆزلىرىمۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدە جىددىي ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.