خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.16

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 15-يانۋار ئاتاقلىق ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە ئىلمىي خادىم ئىلھام توختى مىللەتلەر ئارا دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىشى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنى. ئۇنىڭ ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى داۋاملىق ئۇنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا دەرھال خاتىمە بېرىشكە چاقىرىدۇ».

بۇنىڭدىن 10-يىل ئاۋۋال يەنى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلغان. ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خەلقئارادا قاتتىق ئىنكاس قوزغىغان. ب د ت نىڭ خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى 2014-يىلى 3-ئايدا، ئىلھام توختىنىڭ دېلوسىنى «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش» دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلى 9-ئايدا ئىلھام توختىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە سوتلاپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى «بۆلگۈنچىلىك»، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ما تىدا(Ma Thida) مۇنداق دېگەن: «ئىلھام توختى دىئالوگنى ئالغا سۈرۈش، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن ‍ئۆزىنى ئاتىغان شەخس. ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بىر تراگېدىيە. بىز ئۇنىڭ ناھەق تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرىمىز ۋە ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز». خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ ناھەق تۈرمىگە تاشلىنىشى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى باستۇرۇشىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى بولۇپ، بۇ، چېكىدىن ئاشقان سېزورلاش ۋە باستۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى مەدەنىيەت كىملىكى ۋە ئەنئەنىلىرىدىن ئايرىپ تاشلاشتىن ئىبارەت سىستېمىلىق ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن».

ئىلھام توختى ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتىنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى سوت 2014-يىلى 11-ئايدا ئۇنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.